Skip to main contentAccess keys helpA-Z index
BBCUzbek.com
Рус хизмати
Қирғиз хизмати
Озарбайжон хизмати
Турк хизмати
Араб хизмати
Форс хизмати
 
Сўнгги янгиланиш: 18 Декабр, 2007 - Published 16:17 GMT
 
Дўстингизга йўлланг   Принт - босма кўриниши
بۈيۈك برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار
 
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى
برىتانىيىگە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ھاياتلىرىدىن رازى ئەمما ئوز ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئوز شىكايەتلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن كۆرە يىللاردىن بۇيان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىگە مۇساپىر بولۇپ كېلىش سانى كۆپەيمەكتە

جۇمىلىدىن ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ برىتانىيىگە توقسىنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ گەرچە سانى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ئاز بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئوز ئارا تەشكىللنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى برىتانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە يەتكۈزۈش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى خېلى كۆزگە كۆرۈنىدۇ

برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چامىنىڭ يىتىشىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي جەمئىيەتلىشىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولماي كەلگەن ئىدى

مانا بۇ ئىمكانىيەتنى بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا برىتانىيىگە تەكلىپ بىلەن زىيارەتتە بولغان 2006 - 2007- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى

لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى نىزامىدىن سەمەتوۋ جەمئىيەت پاالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، “جەمىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقوقىنى قوغداش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلىش” دەپ چۈشەندۈرىدۇ

ئۇلۇغ برىتانىيىگە ھازىر ھازىر تەخمىنەن 200 گە يېقىن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن، يەنە بىر قىسمى قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ كوپ سالمىقىنى ياشلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلۇغ برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇقۇش ۋە سىياسىي باش پاناھلىق تىلەش يوللىرى بىلەن بۇ يەردە يەرلەشكەن

لوندوندا ئالتە يىلدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا مانا شۇلارنىڭ جۇمىلىسىدىندۇر

برىتانىيىگە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ھاياتلىرىدىن رازى ئەمما ئوز ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئوز شىكايەتلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ

برىتانىيىگە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېنگىلىس ۋە ئۇيغۇر مۇزىكانتلاردىن تەركىپ تاپقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەشكىل ئېتىلگەن. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە ئانسامبىلدا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىدۇ. مەزكۇر ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوندا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى دۇنيا خەلقلىرىگە تونۇشتۇرۇشتا ئوز تۆھپىلىرىنى قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ

شۇ قەدەر باي مەنىۋى ھاياتقا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئوز مەملىكىتىدە ياخشى داۋام بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئون يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى خىتايدا ياشايدۇ

ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتى ھەققىدە ئوز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، “خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ چەكلەيدۇ” دەپ ئېيتىدۇ

خىتاي مەملىكىتىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ قانچىلىك تىز تەرەققىي قىلىشىغا قارىماستىن ئىمكانىيىتى يەكەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە كېتىشى كۆپەيمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە چەتلەللەرگە كەتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئەركىنلىككە ئېرىشىش ۋە ياخشى ھايات كەچۈرۈش دەپ كۆرسىتىلىدۇ

 
 
Исм
Фамилия*
Манзил
Мамлакат
Электрон манзил
Телефон*
* Ихтиёрий
Фикрингиз
 
  
Сиз берган шахсий маълумот bbcuzbek.com томонидан фақатгина талабномангизни қондириш мақсадида ишлатилади
 
ТАШҚИ САЙТЛАР
Би-БИ-Си ташқи саҳифа –сайтлар учун маъсул эмас
Сўнгги янгиликлар
 
 
Дўстингизга йўлланг   Принт - босма кўриниши
 
 
 
BBC Copyright Logo ^^ Юқорига қайтиш
 
  Bosh Sahifa | Ob –havo | Dasturlar | To’lqinlar
 
  BBC News >> | BBC Sport >> | BBC Weather >> | BBC World Service >> | Learning English >>
 
  Biz haqimizda | Aloqa | privacy