Skip to main contentAccess keys helpA-Z index
BBCUzbek.com
Рус хизмати
Қирғиз хизмати
Озарбайжон хизмати
Турк хизмати
Араб хизмати
Форс хизмати
 
Сўнгги янгиланиш: 22 Январь, 2008 - Published 17:44 GMT
 
Дўстингизга йўлланг   Принт - босма кўриниши
خىتايدىكى بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ “سۇيۇشىش” داۋاسى
 
بۇ بىر جۇپلار ئوز شەخسى ھاياتىنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلغانلىغى ھەققىدە شىكايەت قىلدى
خىتايدىكى بىر جۇپ ئەر-ئايال ئوزلىرىنىڭ يەر ئاستى پويىزىدا “سۇيۇشىۋاتقان” ۋاقىتتىكى كورۇنۇشىنىڭ تور بەتتە ئېلان قىلىنغانلىغىغا نارازلىق بۇلدۇرۇپ، شاڭخەي يەر ئاستى پويىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۇستىدىن ئەرىز قىلدى.

بۇ بىر جۇپ ئەر-ئايال قۇچاقلىشىپ، سۇيۇشىۋاتقاندا يەر ئاستى پويىز خىزمەتچى خادىمى تەرپىدىن سىنگە ئېلىۋېلىنغان ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىغان خەتلەر كىرىشتۇرۇلۇپ ئىشلىنىپ ئاممىۋى سىن فىلىمى قويىدىغان تور بەتتكە قويۇلغان.

بۇ سىن فىلىمى تور بەتكە قويۇلۇلغان ئىككى كۇن ئىچىدە 15، 000 قېتىم كورۇلگەرن.

بۇ بىر جۇپلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار پۇتكۇل يەر ئاستى پويىزىدا قاتنىغۇچىلارنىڭ خۇسۇسى ھاياتىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىغىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىىش ئۇچۇن قانۇنى يوللار ئارقلىق دەۋا قىلىشنى باشلىغان.

شاڭخەي يەر ئاستى پويىز باشقۇرغۇچى خادىمىنىڭ بىلدۇرىشىچە ئۇلار بۇ ۋەقىئەنى ھازىر تەكشۇرۇۋەتىپتۇ.

خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگۇزۇش

بۇ بىر جۇپلار سىن فىلىمىنىڭ ئەسلى ئوتكەن يىلى 9- ئايدا ئېلىنغانلىغىنى ئەمما ئوتكەن ھەپتىدە يۇتۇب ۋە كىيۇ6 تور بېتىگە قۇيۇلغانلىغىنى، بۇ قىلمىش ئۇلارنى بەك نۇمۇستا قالدۇرغانلىغىنى ، ئۇلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىغىنى بايان قىلىشتى.

بۇ بىر جۇپلاردىن ئوز ئىسمىنى ئېيتمىغان ئەر خىتاي كۇندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىگە ئۆزلىرىنى تارتقان سىن فىلىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: “يەر ئاستى پويىز خىزمەتچى خادىمى بىزنى قانۇنسىز سىنگە ئالغان ۋە تور بەتكە قويۇلغاندىن كېيىن بىز ھەققىدە ئەسكى پىكىرلەرنى بەرگەن.”

“بۇ ۋەقىئە پەقەت بىزگىلا زىيانكەشلىك قىلىنغان ئىش بولماستىن بەلكى پۈتكۈل شاڭخەي يەر ئاستى پويىزىدا قاتنايدىغان يولۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھەق- ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.”

خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە بايان قىلىشىچە يەر ئاستى پويىزىنىڭ بۇ خىزمەتچىسى ۋەقئەدىن كېيىن دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرىدىن بۇ ئىش ھەققىدە تېلېفون كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

ئۇ ئەر يەنە مۇنداق دەيدۇ “مەن ھەر قېتىم يەر ئاستى پويىزىغا كىرگەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى تولىمۇ راھەتسىز ھېس قىلمەن.”

 
 
Исм
Фамилия*
Манзил
Мамлакат
Электрон манзил
Телефон*
* Ихтиёрий
Фикрингиз
 
  
Сиз берган шахсий маълумот bbcuzbek.com томонидан фақатгина талабномангизни қондириш мақсадида ишлатилади
 
Qeshqer kochisi دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتى
لوندون كوچىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ "كىچىك" ئىزلىرى - قەشقەر كوچىسى
 
 
London uyghur ansambili دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتى
بۈيۈك برىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار
 
 
Сўнгги янгиликлар
 
 
Дўстингизга йўлланг   Принт - босма кўриниши
 
 
 
BBC Copyright Logo ^^ Юқорига қайтиш
 
  Bosh Sahifa | Ob –havo | Dasturlar | To’lqinlar
 
  BBC News >> | BBC Sport >> | BBC Weather >> | BBC World Service >> | Learning English >>
 
  Biz haqimizda | Aloqa | privacy